ئامېرىكابەزى ئامېرىكالىق دىپلومات ۋە گېنېراللار ترامپنى يادرو كېلىشىمىنى قايتىدىن ئىمزالاشقا چاقىردى

ئامېرىكادا پىنسىيەگە چىققان 53 نەپەر دىپلومات ۋە گېنېرال دونالد ترامپنى ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمنى قايتىدىن ئىمزالاشقا چاقىردى.

1161848
ئامېرىكابەزى ئامېرىكالىق دىپلومات ۋە گېنېراللار ترامپنى يادرو كېلىشىمىنى قايتىدىن ئىمزالاشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادىكى بەزى ئەمەلدار ۋە پىنسىيەگە چىققان دىپلوماتلار، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمنى قايتىدىن ئىمزالاشقا چاقىردى.

ئامېرىكادا  پىنسىيەگە چىققان 53 نەپەر دىپلومات ۋە گېنېرال ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسەت يولغا قويالىشى ئۈچۈن ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىگە  ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەۋسىيە قىلدى.

باياناتتا يادرو كېلىشىمى ئارقىلىق ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىغا مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمە قويۇلغانلىقى، شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ ئاشقانلىقى، لېكىن ترامپ ھاكىمىيىتىنىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشىدىن كېيىن ئامېرىكانىڭ بۇ پۇرسەتتىن ئايرىلىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىدا، ئامېرىكانىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ ئىرانغا قايتىدىن ئىقتىسادىي ئېمبارگو يولغا قويۇشىنىڭ ئەكسىچە، ئىراننىڭ يەنىلا يادرو كېلىشىمىگە رىئايە قىلغانلىقىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىشىمگە رىئايە قىلىشى ئىراننىڭ ۋەدىسىدە تۇرغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.»

ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى ياساپ چىقىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەسلىكى، لېكىن ئىراننىڭ خەلقئارا تەرىپىدىن نازارەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن دىپلومات ۋە گېنېراللار، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ يادرو كېلىشىمىگە رىئايە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا 2015-يىلى ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىدىن 2018-يىلى مايدا چېكىنىپ چىقىپ، تېھران ھۆكۈمىتىگە قايتىدىن ئىقتىسادىي ئېمبارگو قويۇشقا باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر