پاكىستاندا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

پاكىستاندا ئۇدا 4 كۈن توختىماي ياغقان قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپىتى ۋە يەر كۆچۈش سەۋەبىدىن 13 كىشى قازا قىلدى، 12 كىشى يارىلاندى.

1156999
پاكىستاندا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەلۇجىستان ئۆلكىلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى مەسئۇلى زاھۇر ئەھمەد بۇلېدى، بەلۇجىستان ئۆلكىسىدە 1 – مارت كۈنى باشلىنىپ 4 – مارتقىچە داۋاملاشقان قارا يامغۇرنىڭ سۇ ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۆلكىدە قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپىتى، يەر كۆچۈش ۋە ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرى ئۇچۇپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى 13 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 12 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بۇلېدى، 28 مىڭ كىشىنىڭ قاپسىلىپ قالغان يەرلەردىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، ئۆلكىدىكى 9 رايوننىڭمۇ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى، بۇ رايونلارغا 5 مىڭ چېدىر، يېمەك - ئىچمەك ۋە باشقا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر