ياپونىيە تۇنجى يولۇچىلار ئايروپىلانىنى سىناق قىلدى

ياپونىيە سانائەت گۇرۇھى مىتسۇبىشى ياساپ چىققان تۇنجى يولۇچىلار ئايروپىلانى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا سىناق ئۇچۇشلىرىنى باشلىدى.

ياپونىيە تۇنجى يولۇچىلار ئايروپىلانىنى سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، مىتسۇبىشى ئاۋىياتسىيە شىركىتى، ياپونىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى Mitsubishi Regional Jet (MJR) نىڭ ئامېرىكىدا سىناق ئۇچۇشلىرىنى باشلىغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، تار گەۋدىلىك، قوش موتورلۇق يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋاشىنگتون ئىشتاتىدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا تۇنجى سىناق ئۇچۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

ئايروپىلاننىڭ موتورلىرىنىڭ ياپونىيە قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇپەتتىش ئۇچقۇچىلىرى نازارەت قىلغان سىناقتىن ئۇتۇقلۇق ئۆتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

شىركەت، مەزكۇر ئايروپىلاننى 2020 – يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئىشقا چۈشۈرۈشنى پىلانلىماقتا.

ئايروپىلاننى قاتناش سېپىگە كىرگۈزۈش پىلانى لايىھەدىكى ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلى 2013 – يىلىدىن بۇيان بەش قېتىم كېچىكتۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر