مىڭ ۋەنجۇ كانادا ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلدى
خىتاي تېخنولوگىيە شىركىتى خۇاۋېينىڭ مالىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى مىڭ ۋەنجۇ كانادا ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇاۋېينىڭ مالىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى مىڭ ۋەنجۇ 2018-يىل دېكابىر ئېيىدا ۋانكوۋېر خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا تۇتۇلۇپ، تەكشۈرۈلگەن ۋە سوراق قىلىنغان جەرياندا «ئاساسىي قانۇندىكى ھەق-ھوقۇقىنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، كانادا چېگرا ئىشلىرى ئاگېنتلىقى (CBSA)، كانادا پادىشاھلىق ئاتلىق ساقچى ئىدارىسى (RCMP) ۋە كانادا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى.
مىڭ ۋەنجۇنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ برىتىش كولومبىيە (British Columbia) ئىشتاتلىق ئالىي سوتىغا بەرگەن ئەرزنامىسىىدە، كانادا چېگرا ئىشلىرى ئاگېنتلىقى مەمۇرلىرىنىڭ، مىڭ ۋەنجۇنى ئايرودۇرۇمدا ئۇزۇن ۋاقىت قانۇنسىز سوراققا دۇچار قىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، مەمۇرلارنىڭ فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى بولۇشى سەۋەبلىك كانادانىڭ «ئېنىق جاۋابكار» ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.
ئەرزنامىدە، مىڭ ۋەنجۇنىڭ ئۈچ سائەت تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى، ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى، كانادا چېگرا ئىشلىرى ئاگېنتلىقى مەسئۇللىرىنىڭ قانۇندا رۇخسەت قىلىنمىغان تۇرۇقلۇق مىڭ ۋەنجۇنىڭ ئىككى خۇسۇسىي تېلېفونىنى، تابلېت ۋە كومپىيۇتېرىنى مەخسۇس بىر ئىشخانىغا ئەكىرىپ كەتكەنلىكى، ئۇلارنى ئاچقانلىقى، ساقلانغان ھۆججەتلەرنىڭ رەسىمگە تارتىلغانلىقى ۋە چامادانلىرىنىڭ خۇسۇسىي مال-مۈلۈك تەئەللۇق ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغان ھالدا ئاختۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
مىڭ ۋەنجۇنىڭ ئەرزنامىسىدە يەنە، كانادا چېگرا ئىشلىرى ئاگېنتلىقى بىلەن كانادا پادىشاھلىق ئاتلىق ساقچى ئىدارىسى مەمۇرلىرىنىڭ، كانادا ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەر ئەھدىنامىسىگە خىلاپ ھالدا ئىسپات توپلاش ئۈچۈن ئالدىن پىلانلانغان ھەرىكەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.
خۇاۋېينىڭ خوجايىنى رېن جېڭفېينىڭ قىزى ۋە شىركەتنىڭ مالىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى مىڭ ۋەنجۇ، 2018-يىل 1-دېكابىر كانادانىڭ ۋانكوۋېر خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن مېكسىكاغا ئۇچىدىغان ۋاقىتتا تۇتۇلغان ئىدى. ئۈچ كۈن داۋام قىلغان سوتتا 10 مىليون كانادا دوللىرى بىلەن كاپالەتكە قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.
كانادا فېدېراتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى جۈمە (1-مارت) كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا، مىڭ ۋەنجۇنى ئامېرىكاغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇساپىسىنىڭ رەسمىي باشلىنىپ، برىتىش كولومبىيە ئىشتاتلىق ئالىي سوتىغا ھوقۇق بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
برىتىش كولومبىيە ئىشتاتلىق ئالىي سوت مەھكىمىسى 6-مارت (چارشەنبە) ئېچىلىدىغان سوتتا، مىڭ ۋەنجۇنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك ۋاقىت جەدۋېلىنى بەلگىلەيدۇ.