ياۋروپا ۋېنېزۇئېلا مەسىلىسىنىڭ تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىدە چىڭ تۇرماقتا

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى، ۋېنېزۇئېلا كىرىزىسىنىڭ تىنچ، دېموكراتىك ۋە سىياسىي ئۇسۇلدا ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

1155919
ياۋروپا ۋېنېزۇئېلا مەسىلىسىنىڭ تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىدە چىڭ تۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موگېرىنى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رايون ۋە خەلقئارادىكى شېرىكلىرى بىلەن بىرلىكتە، ۋېنېزۇئېلادىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆزىنى «مۇۋەققەت پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان ۋېنېزۇئېلا پارلامېنتى باشلىقى خۇەن گۇايدونىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىنىڭ سۈركىلىشنى ئۇلغايتىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان موگېرىنى، بۇنىڭ شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ نازارىلىقىنى قوزغايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

كۆپ سانلىقى ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدىكى ۋېنېزۇئېلا مىللىي مەجلىسنىڭ باشلىقى خۇەن گۇايدو، ئۆكتىچىلەرنىڭ يىغىلىشىدا ئۆزىنى «مۇۋەققەت پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان ۋە باشتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولۇپ ئاۋسترالىيە، كانادا، كولومبىيە، پېرۇ، ئېكۋادور، پاراگۋاي، بىرازىلىيە، چىلى، پاناما، ئارگېنتىنا، كوستا رىكا ۋە گىۋاتېمالاغا ئوخشاش دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغانىدى، ئارقىدىن ياۋروپا پارلامېنتىمۇ بۇ يۆنىلىشتە قەدەم تاشلىغانىدى.

تۈركىيە، مېكسىكا، رۇسىيە، كۇبا، خىتاي ۋە بولىۋىيە بولسا، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نېكولاس مادۇرو ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، مادۇرومۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن دىپلوماتىك ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى، بىراق سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن ۋېنېزۇئېلاغا ئەسكەر ئەۋەتىشنىڭ كۈنتەرتىپتىكى چارىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر