تالىبان ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلىپ 23 ئەسكەرنى ئۆلتۈردى

ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھېلماند ۋىلايىتىدە تۇرۇشلۇق شوراب ھەربىي بازىسىغا تۈنۈگۈن تالىبان تەرىپىدىن قلىنغان ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 23 كە ئۆرلىدى.

1155563
تالىبان ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلىپ 23 ئەسكەرنى ئۆلتۈردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەسكەرلەر سانىنىڭ 23 كە ئۆرلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ھۇجۇمدا 16 نەپەر ئامانلىقنى ساقلاش خادىمىنىڭ يارىدار بولغانلىقى، بالنىستقا ئېلىنغان يارىدارلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

تالىبان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، ھەربىي بازا ئىچىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ھازىرمۇ داۋملىشىۋاتقانلىقى، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىمۇ قوشقاندا، 200 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر