لاۋورۋ پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋورۋ پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مۇھەممەد قۇرەيشى بىلەن كۆرۈشتى.

1155476
لاۋورۋ پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۇچرىشىشتا، يېقىنقى مەزگىلدە ھىندىستان – پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان سۈركىلىش توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئىككى مىنىستىرنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئەھدىنامىلىرىگە رىئايە قىلىشى ۋە بۇ مەسىلىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مىخانىزىملىرىدىن پايدىلىنىشى لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.»

رۇسىيەنىڭ ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىغا ھەسسە قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، لاۋورۋنىڭ بۇ مەسىلىنى دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنقى سۈركىلىش، كەشمىرنىڭ ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى قىسمىدا 14 – فېۋرال كۈنى ساقچى تەشكىلاتىغا قاراشلىق ئەترەتگە قىلىنغان ۋە 44  كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىن باشلانغانىدى.

يېڭى دېھلى ھۆكۈمىتى پاكىستاننى مەزكۇر ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان تېررورچىلارنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.

ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن پاكىستان بولسا، ھىندىستاننىڭ بۇ ئەيىبلىشىنى رەت قىلغانىدى.

ھىندىستان 26 – فېۋرال كۈنى كەشمىر كونترول لىنىيەسىنىڭ پاكىستان تەرىپىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى نىشانلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

پاكىستانمۇ ئالدىنقى كۈنى ئەتىگەندە ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى سەۋەبلىك ھىندىستانغا ئائىت ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ھىندىستان تەرەپ، پاكىستانغا ئائىت بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان، ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتى بولسا بۇنى جەزملەشتۈرمىگەنىدى.

پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيەسى، سۈركىلىشنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بولسا، پاكىستاننى دۆلىتىنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.  

تۈركىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، خىتاي ۋە رۇسىيە تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىرغانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر