ب د ت ئاراكانلىقلارغا چېگرا ئېغىزىنى تاقىۋالماسلىق ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باڭلادېشنى ئاراكانلىقلارغا چېگرا ئېغىزىنى تاقىۋالماسلىققا چاقىردى.

1155475
ب د ت ئاراكانلىقلارغا چېگرا ئېغىزىنى تاقىۋالماسلىق ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىرمىدىن تېخىمۇ كۆپ ئاراكانلىقنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن باڭلادېشنى مۇساپىرلارغا چېگرا ئېغىزىنى تاقىۋالماسلىققا چاقىردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ستېپھان دۇجاررىچ كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «باڭلادېش ئاراكانلىق مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە مەرتلىك قىلدى. توقۇنۇشلاردىن قاچقانلارنىڭ قەيەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىخەتەر جاي تاپالىشى مۇھىم.»

باڭلادېش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھىدۇل ھەق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بەرگەن باياناتىدا، «باڭلادېشنىڭ بىرمىدىن تېخىمۇ كۆپ مۇساپىرنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئەپسۇسلانغان ھالدا ئېيتىشقا مەجبۇرمەن» دېگەنىدى.

ئاراكاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ، ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر قىلىنغانلىقتىن، باڭلادېشتىن پاناھلىق تىلىگەن ۋە ئۇدا 18 ئايدىن بۇيان مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا ياشاۋاتقان روھىڭيا مۇسۇلمانلىرىنى قىيىن ئۆتكەلگە دۇچار قىلمايلا قالماستىن، يەنە، باڭلادېشنىڭ ئىقتىسادىغا، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىغا ۋە بىخەتەرلىكىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھەق، ئادەم بدېكلىرى ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىرىگىمۇ قارشى ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلغانىدى.

بىرمىنى ئاراكان مۇساپىرلىرىنىڭ قايتىشى توغرۇلۇق «قۇرۇق ۋەدىلەرنى بېرىش» بىلەن ئەيىبلىگەن ھەق، شەرت – شارائىت يار بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن بىرمۇ ئاراكانلىقنىڭ بىرمىغا قايتالمىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر