ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلانىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۆزىنى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان خۇەن گۇايدو بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1153990
ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلانىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قورالسىزلىنىش كونفېرانسىنىڭ دائىمىي ۋەكىلى روبېرت ۋۇد ۋېنېزۇئېلانىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا قىلغان كۆرۈشۈش چاقىرىقىغا سەلبىي جاۋاب قايتۇرۇپ: «پىرېزىدېنت ترامپ ۋېنېزۇئېلانىڭ قانۇنلۇق پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ خۇەن گۇايدودۇر» دېدى.

روبېرت ۋۇد قورالسىزلىنىش كونفېرانسىغا ساھىبخانلىق قىلغان ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونى بىر قاتار مەسىلىلەردە ئەيىبلەپ، ۋېنېزۇئېلانىڭ قانۇنلۇق رەھبىرىنىڭ ئۆزىنى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان دۆلەت پارلامېنتى باشلىقى خۇەن گۇايدو ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ خۇەن گۇايدونىڭ بېشىغا بىر ئىش كەلگەن تەقدىردە، جاۋابكارىنىڭ مادۇرو بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاررېزانىڭ تۈنۈگۈن (27-فېۋرال) ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 40-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئامېرىكاغا قىلغان چاقىرىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا: «پىرېزىدېنت ترامپ ۋېنېزۇئېلانىڭ قانۇنلۇق دۆلەت پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ خۇەن گويدودۇر. مادۇرو ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، بىز ئۇ ھاكىمىيەتنى ئېتىراپ قىلمايمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاررېزا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە سۆز قىلغاندا، ئامېرىكاغا مەسىلىلەرنى دىيالوگ يولى بىلەن ھەل قىلىشنى چاقىرىق قىلىپ: «ئامېرىكا بىلەن دىيالوگ نېمىشقا بولمىسۇن، پىرېزىدېنت مادۇرو بىلەن ترامپ نېمە ئۈچۈن كۆرۈشمىسۇن؟ شۇڭا كۆرۈشۈپ، ئوتتۇرىدىكى پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىنى بىر-بىرىگە چۈشەندۈرەلىشى مۇمكىن» دېگەن ئىدى.

ئاررېزا ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان ئۇرۇشقاق پوزىتسىيەسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلارنى ۋېنېزۇئېلادا ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر