ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ ۋىيېتنام پايتەختى خانويدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا، كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىدى.

1154202
ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ: «شىمالىي كورېيە بىلەن ھېچقانداق كېلىشىم ئىمزالىماسلىق قارارىنى ئالدۇق» دېدى.

ئۇ شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ يادرو قورالى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى سىناق قىلماسلىق مەسىلىسىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئاقساراي باياناتچىسى سارا ساندېرس پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئۇچرىشىشىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغانلىقىنى، بىراق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلارنىڭ كەلگۈسىدە داۋام قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلگەن مېھمانسارايدىن پىلان قىلىنغاندىن بۇرۇن ئايرىلدى ۋە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىمۇ ئۆتكۈزۈلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر