ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاشىقجى جىنايىتى توغرىسىدا دوكلات تەييارلاشنى تەلەپ قىلىپ لايىھە سۇنۇلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا دېموكراتچىلار قانىتىنىڭ بىر تۈركۈم پارلامېنت ئەزاسى، ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايىتى توغرىسىدا دوكلات تەييارلاپ چىقىشىنى مەزمۇن قىلغان بىر قارار لايىھەسى سۇندى.

1153509
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاشىقجى جىنايىتى توغرىسىدا دوكلات تەييارلاشنى تەلەپ قىلىپ لايىھە سۇنۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا دېموكراتچىلار قانىتىنىڭ بىر تۈركۈم پارلامېنت ئەزاسى، دۆلەت مەجلىسىگە دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئورگىنى دىرېكتورى دان كوئاتسنىڭ، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايىتى توغرىسىدا دوكلات تەييارلاپ چىقىشىنى مەزمۇن قىلغان بىر قارار لايىھەسى سۇندى.

قارار لايىھەسىدە كوئاتسنىڭ قاشىقجى جىنايىتى توغرىسىدا «جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ، بۇ جىنايەتكە چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ ۋە جىنايەتنى سادىر قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەنلەرنىڭ ئېنىقلىنىشى» نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە بىر پارچە دوكلات تەييار چىقىشى تەلەپ قىلىندى.

قارار لايىھەسى قانۇنلاشقان تەقدىردە، كوئاتس 30 ئىچىدە مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاپ دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.

ئورېگون ئىشتاتى پالاتا ئەزاسى رون ۋايدېن بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «بۇ لايىھە، جەمال قاشىقجىغا ئالاقىدار ھەقىقەتلەرنىڭ يوشۇرۇلۇشىنىڭ، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئۇتۇقى بولۇپ قالمايدىغانلىقى دېگەنلىك بولىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى، بىر ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى يازغۇچىسىنى يۈزسىزلەرچە ئۆلتۈردى ۋە بۇ رەھبەرلىك (ترامپ)، ئامېرىكا خەلقىگە بۇ جىنايەتنى سادىر قىلىش بۇيرۇقىنى كىمنىڭ چۈشۈرگەنلىكىنى دەپ بېرىشنى رەت قىلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق يازغۇچىسى ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى، 2018 – يىلى 2 – ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى نىكاھلىنىش ئىشلىرىغا ئالاقىدار ماتېرىياللىرىنى تەستىقلىتىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

جىنايەتتىن كېيىنكى تەكشۈرۈش جەريانىدا، قاشىقجىنىڭ قاچان، قەيەردە، قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، جەسىتىنىڭ ئورنى ھازىرغىچە ئېنىقلىنالمىدى.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CİA نىڭ، قاشىقجى جىنايىتىنىڭ بۇيرۇقىنى سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ چۈشۈرگەنلىكى يەكۈنىنى چىقارغانلىقىنى يازغانىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ سوتلىماستىن خالىغانچە ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى مەخسۇس دوكلاتچىسى ئاگنېس كاللامارد، قاشىقجى جىنايىتىگە ئالاقىدار خەلقئارا تەكشۈرۈش دائىرىسىدىكى 28 – يانۋاردىن 3 – فېۋرالغىچە داۋاملاشقان تۈركىيە زىيارىتى توغرىسىدا بايانات بېرىپ، «تۈركىيەدىكى ۋەزىپەم جەريانىدا توپلانغان پاكىتلار، قاشىقجىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلىتى ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن ئالدىن پىلانلانغان رەھىمسىزلەرچە بىر جىنايەتنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر