ترامپ كىم جوڭئۇن بىلەن ۋېيتنامدا كۆرۈشىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن ۋېيتنامدا كۆرۈشىدۇ.

1153428
ترامپ كىم جوڭئۇن بىلەن ۋېيتنامدا كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىككى رەھبەرنىڭ ۋېيتنامنىڭ پايتەختى خانويدىكى  ئۇچرىشىشى، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 18 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە باشلىنىدىكەن. ئاساسلىق ئۇچرىشىش ئەتە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

ئاقساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئىككى رەھبەر تەخمىنەن 20 مىنۇت ئەتراپىدا كۆرۈشكەندىن كېيىن، ھەيئەتلەر بىلەن بىرلىكتە كەچلىك تاماق زىياپىتىگە قاتنىشىىدىكەن.

ترامپنىڭ ۋېيتنام  دۆلەت رەئىسى نگۇيېن شۇئەنپۇك بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولۇشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن تۇنجى قېتىم 2018 – يىلى 12 – ئىيۇن كۈنى سىنگاپورسدا كۆرۈشكەن ۋە كەڭ دائىرىلىك كېلىشىمنى ئىمزالىغانىدى.

ترامپ ئاخىرقى قېتىملىق باياناتىدا، كىم جوڭئۇن بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىنى قىلىنىشى مەسىلىسىدە ئالدىراپ ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر