رۇھانى زەرىفنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلمىدى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلمىدى.

1153752
رۇھانى زەرىفنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بەھرام قاسىمى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى، بۇ ھەقتىكى قارارنىڭ پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، زەرىفنىڭ ئۆزىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتلارنىڭ سىرتىدىكى ھېچقانداق بىر خەۋەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىران پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مەھمۇد ۋائىزى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى قارار قىلغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفنىڭ ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىنىڭ نەزىرىدە، ئىراننىڭ پەقەت بىرلا دىپلوماتىيە سىياسىتى ۋە بىرلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باردۇر. ئۇ بولسىمۇ مۇھەممەد جەۋاد زەرىفتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر