كەشمىردە ھىندىستاننىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 10:00 ئەتراپىدا جاممۇ كەشمىرنىڭ بۇدگام رايونى تەۋەلىكىدىكى گارېند كالئان يېزىسى ئەتراپىدىكى بىر تاشلاندۇق يەرگە چۈشۈپ كەتتى؛

1153275
كەشمىردە ھىندىستاننىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 10:00 ئەتراپىدا جاممۇ كەشمىرنىڭ بۇدگام رايونى تەۋەلىكىدىكى گارېند كالئان يېزىسى ئەتراپىدىكى بىر تاشلاندۇق يەرگە چۈشۈپ كەتتى؛ ۋەقەدە 2 ئۇچقۇچى بىلەن بىر پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ باياناتىدا بولسا، پاكىستان ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەن ھىندىستاننىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئوققا تۇتۇلغانلىقى، بىرىنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

پاكىستان، «ھىندىستان بىلەن سۈركىلىشنى ئۇلغايتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، بىراق مەجبۇر بولۇپ قالغان تەقدىردە ھەرقانداق ۋەزىيەتكە تەييار ئىكەنلىكى» نى ئۇقتۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھىندىستان تاراتقۇلىرى، پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ F-16 تىپلىق ئۈچ ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ سەھەر پەيتىدە ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى جاممۇ كەشمىرنىڭ نوۋشېرا رايونى ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئالاقىدار خادىملار، ھىندىستان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىش ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن ئايروپىلانلارنىڭ پاكىستان تەرەپكە قايتىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھىندىستان، كەشمىر كونترول لىنىيەسىنىڭ پاكىستان تەرىپىدىكى جەيشى مۇھەممەد تەشكىلاتىنىڭ گازارمىسىغا ھاۋادىن زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

پاكىستان ئارمىيەسى باياناتچىسى مايور گېنېرال  ئاسىف غافۇر بايانات بېرىپ، ھىندىستان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ كەشمىر كونترول لىنىيەسىدىكى مۇزەففەرئاباد رايونىدىن پاكىستان ھاۋا تەۋەلىكىگە قانۇنسىز ھالدا 5 – 6 كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىرگەنلىكىنى، ئايروپىلانلاردىن بىرىنىڭ پاكىستان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ مۇداخىلىسىدىن كېيىن ھىندىستان تەرەپكە قېچىۋېتىپ بومبا تاشلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.

بومبا چۈشكەن جاي ۋە بومبا قالدۇقلىرىنىڭ فوتو – سۈرەتلىرىنى ئورتاقلاشقان غافۇر، بومبىنىڭ ماددىي زىيان ياكى ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھىندىستاندا 14 – فېۋرالدا بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 44 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلغان، 20 ئەسكەر يارىلانغانىدى.

يېڭى دېھلى دائىرىلىرى ھۇجۇمدىن كېيىن پاكىستاننى ئەيىبلىگەن، پاكىستان بولسا، ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر