ئالسانى: قاتارغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنيا كۆردى

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيىخ مۇھەممەد بىن ئابدۇررەھمان ئالسانى قاتارغا يۈرگۈزۈلگەن ئېبارگونىڭ خەلقئارا قانۇنغا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1152580
ئالسانى: قاتارغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنيا كۆردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيىخ مۇھەممەد بىن ئابدۇررەھمان ئالسانى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 40نۆۋەتلىك يىغىنىدا سۆز قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ قاتارغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنىڭ سەۋەبلىرىگە ئالاقىدار ئىلگىرى سۈرۈلگەنلەرنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئالسانى: «قاتار ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ھەق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا پارىس قولتۇقى كىرىزىسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئالاقە مۇناسىۋەتنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشىنىدۇ» دېدى ۋە قاتارغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنىڭ خەلقئارا قانۇنغا شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئالسانى كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن مۇرەسسەچىلىك ترىىشچانلىقلىرىنى ماختىدى ۋە بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ نەتىجە بېرىدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

قاتاردا ئىشچىلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۈرۈلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئالسانى، قاتاردا دائىملىق ئىقامەت قانۇنى چىقىرىلغانلىقىنى ۋە چەت ئەللىكلەرنىڭ كىرىش چىقىش شۇنداقلا ئىقامەت ئېلىش ئىشلىرىغا ئالاقىدار قانۇنلارنىڭمۇ رەتكە سېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئالسانى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋرەلىك فوندى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ياردەمدە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پات يېقىندا پايتەخت دوھادا ب د ت نىڭ ئوخشاش بولمىغان ئورگانلىرىنىڭ ئىشخانىلىرى ئىچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر