تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ياۋروپادىمۇ مالىمانچىلىق چىقاردى

فىرانسىيەنىڭ ستراسبورگ شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋەقە تۇغدۇرۇپ، ياۋروپا كېڭىشى بىناسىغا ۋە ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلدى.

1152714
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ياۋروپادىمۇ مالىمانچىلىق چىقاردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ يەرلىك مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تېررورلۇق تەشكلاتى كاتتىۋىشىنىڭ تۈرمە مۇھىتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ياۋروپا كېڭىشىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن پ ك ك قويرۇقچىلىرى مالىمانچىلىق چىقىرىپ، ئەتراپقا زىيان سالغان.

پ ك ك قويرۇقچىلىرى تاش ۋە خەتەرلىك بويۇملارنى ئېتىپ ياۋروپا كېڭىشى بىناسىنىڭ ئەينەكلىرىنى چاققان ھەمدە بىنا سىرتىدىكى ئەخلەت ساندۇقىغا ئوت قويۇپ بەرگەن.

تاش ئېتىپ ساقچىلارنى يارىدار قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى قويۇرۇقچىلىرىدىن 43 كىشى نازارەتكە ئېلىنغان.

ياۋروپا كېڭىشى ئالاقە ئىشلىرى دىرېكتورى دانىل خولتگېن ئاخباراتچىلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ھۇجۇمنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا كوچىسىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر