رۇسىيەمۇ ب د ت نى ئىسلاھاتقا چاقىردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئىسلاھات قىلىشقا چاقىردى.

1152609
رۇسىيەمۇ ب د ت نى ئىسلاھاتقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋىيېتنامنىڭ خو چىمىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق كونفېرانستا سۆز قىلىپ، دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان رايونلارنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ۋەكىللىك قىلىش نىسبىتىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكادىكى تەرەققىي قىلغان رايونلارغا ۋەكىللىك قىلىشتا يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، كېڭەشتە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىسلاھات مەسىلىسىدە زور كېچىكىش بولغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. تارىخىي غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ قۇرۇلما ئىچىدە بولۇشىنىڭ، بىز ئۇ يەردە كۆرۈشنى خالايدىغان خىلمۇ خىللىققا بىر نەرسە قوشىدۇ، دەپ ئويلىمايمەن.»

ب د ت نىڭ تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قارارلارنى چىقىرىش ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان خەۋپسىزلىك كېڭىشى، بەش دائىمىي ئەزا ۋە 15 ئەزادىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە ۋە خىتاي بەش دائىمىي ئەزا دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۆلەتلەر تەكلىپ لايىھەلىرىنى ئۆز ئالدىغا رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ «دۇنيا بەشتىن چوڭ» دېگەن شوئارى بىلەن، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسلاھات قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر