ماكرون بەرھەم سالىھ بىلەن كۆرۈشتى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون ئىراقنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1152771
ماكرون بەرھەم سالىھ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ئېمانۇئېل ماكرون فىرانسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ بىلەن ئېلېيسى سارىيىدا كۆرۈشتى.

ئىككى پىرېزىدېنت ئۇچرىشىشلار ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

«فىرانسىيە تېررورلۇققا قارشى ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتە ئىراقنىڭ سېپىدە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن ماكرون، دۆلىتىنىڭ مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك ساھەلىرىدە ئىراق بىلەن ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ماكرون، ئىراقنىڭ رايوندا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ مۇقىملىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن فىرانسىيەنىڭ ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىراقنىڭ سىنجار شەھىرىنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىغا 2 مىليون ياۋرو ياردەم قىلىدىغانلىقلىرىنى ۋە بىر دوختۇرخانىنىڭ قۇرۇلۇش چىقىملىرىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئېمانۇئېل ماكرون، ئىراققا يەنە 1 مىليارد ياۋرو بېرىپ تۇرىدىغانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ماكرون، ئامېرىكىنىڭ 200 ئەتراپىدا ئەسكىرىنى يەنە بىر  مۇددەت سۈرىيەدە تۇرغۇزۇشنى قارارى توغرىسىدا توختىلىپ، «قاراردىن سۆيۈندۈم. بۇ قارار بولۇپمۇ سۇرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى ۋە ئەمەلىي مەيداندا دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلارنىڭ سېپىدە تۇرۇش ئېھتىياجىغا جاۋاب بېرىدۇ» دېدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى، ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ئىراقتا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ بولسا، دۆلىتىنىڭ دائېشقا قارشى كۈرىشىدە فىرانسىيەنىڭ ۋە خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ياردىمىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

بۇ ياردەمنىڭ ئاشۇرۇلۇشى، ئىراقتا مۇقىملىقنىڭ ۋە تەرتىپ – ئىنتىزامنىڭ ئورنىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن سالىھ، فىرانسىيەنىڭ ئىراقنىڭ مۇھىم بىر شېرىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «دائېش ئەزاسى 13 فىرانسۇز تېررورچى تاپشۇرۇپ بېرىلدى، ئۇلار دۆلەتلىرىدە سوتلىنىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر