كىم جوڭئۇن دونالد ترامپ بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن ۋيېتنامنىڭ پايتەختى خانويغا يېتىپ باردى

شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىش يىغىنى ئۈچۈن ۋيېتنامنىڭ پايتەختى خانويغا يېتىپ باردى.

1152621
كىم جوڭئۇن دونالد ترامپ بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن ۋيېتنامنىڭ پايتەختى خانويغا يېتىپ باردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن خىتاي - ۋيېتنام چېگراسىغىچە پويىز بىلەن سەپەر قىلدى. ئاندىن قۇرۇغلۇق بىلەن خانويغا يېتىپ باردى. ئۇنىڭغا بىر پۈتۈن قوغدىغۇچىلار قىسمى ھەمراھ بولدى. خانوي كوچىلىرىدا ئوق ئۆتمەس لىمۇزىن بىلەن ئايلاندى.

شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن قونىدىغان مېلىيا مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن ساندا ئاخباراتچى، ساقچى ۋە ئەسكەرلەر كۈتۈپ تۇرغان ئىدى. يۈزلىگەن كىشى شىمالىي كورېيە رەھبىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن يول بويلىرىغا تېزىلغان توساقلارنىڭ ئارقىسىدغا توپلانغان ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭمۇ بۈگۈن كەچتە ۋيېتنامغا قاراپ يولغا چىقىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

دونالد ترامپنىڭ ۋيېتنامدا پىرېزىدېنت نىگۇيېن پۇتروڭ ۋە باش مىنىستىر نىگۇيېن شۇان پۇچ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن بىلەن مەخسۇس كەچلىك زىياپەتتە بىر يەرگە جەم بولۇشى پىلانلانماقتا.

زىياپەتكە ئامېرىكا تاشى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، ئاق ساراي خامچوت ئىشلىرى ئىشخانىسى دىرىكتورى مايك مۇلۋانېيڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقى، زىياپەتتە يەنە، كىم جوڭئۇننىڭ يېنىدىمۇ ئىككى ياردەمچىسىدىن باشقا يەنە ھەر ئىككى تەرەپ تەرجۇمانلىرىنىڭمۇ بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ترامپ بىلەن كىم ۋيېتنامدا ئەتە چارشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى بىر تۈركۈم رەسمىي مۇزاكىلەردە بولىدۇ.

نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسىلەر كىم جوڭئۇننىڭ يادرولۇق قوراللاردىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.

ۋيېتنام مەسئۇللىرى ئۇچرىشىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەبىرلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن 2018يىلى 12ئىيۇندا سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇچرىشىشتا بىر يەرگە جەم بولغان ۋە بىر تۈركۈم كېلىشىملەرنى ئىمزالىغا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر