يەمەندە ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇمىدا 12 ئەسكەر ئۆلدى
يەمەندە ھۇسىيلارنىڭ بىر مەھەللە بازىرىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 12 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1151681
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ھەربىي مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەمەننىڭ شىمالىدىكى سادا شەھىرىگە قاراشلىق ئەلبۇقا ناھىيەسىنىڭ رەششاھە تاغلىرى رايونىدىكى ھۇسىيلارنىڭ ئەتتەھرىر، فەتىھ ۋە ئەلئەھرار قىسىملىرى يەمەن ئەسكەرلىرى سودا – سېتىق قىلىۋاتقان مەھەللە بازىرىغا 20 شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا 12 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغان، پۇقرالارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 كىشى يارىلانغان بولۇپ، يارىلانغان ئەسكەرلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولغانلىقتىن، ئۆلۈپ كەتكەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.