ترامپ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن ۋىيېتنامدا كۆرۈشىدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كەچكەن ئەھۋالدا ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچلەردىن بىرى بولالىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

1151845
ترامپ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن ۋىيېتنامدا كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ «ھەر قانداق دۆلەتتىن تېخىمۇ كۆپ تېز سۈرئەتلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە» ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن ۋىيېتنامدا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئۇچرىشىش توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ: «ھەر ئىككىمىز سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن بىرىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. كىم جوڭئۇن بەلكىم دۆلىتىنىڭ يادرو قوراللىرى بولماستىن دۇنيادا چوڭ ئىقتىسادىي كۈچلەردىن بىرى بولالايدىغانلىقىنى ھەممە كىشىدىن ياخشى بىلىشى مۇمكىن. شىمالىي كورېيەنىڭ ئورنى خەلقى ۋە كىم جوڭئۇننىڭ سايىسىدا ھەر قانداق دۆلەتتىن تېخىمۇ كۆپ تېز تەرەققىي قىلىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە» دېدى.

پىرېزىدېنت ترامپ ۋالىيلار قاتناشقان بىر پائالىيەتتە كىم جوڭئۇن بىلەن «ناھايىتى ياخشى مۇناسىۋەت» ئورناتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىدىن تازىلىنىشى مەسىلىسىدە ئالدىرىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ 27-28-فېۋرال كۈنلىرى ۋىيېتنامدا كۆرۈشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ۋىيېتنام مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې خواي چۇڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، بىخەتەرلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋىيېتنام ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرى بگۇيېن خۇڭ 40 دۆلەتتىن ۋىيېتنامغا كېلىشى تەخمىن قىلىنغان 3 مىڭ مۇخبىرنىڭ ئۆزلىرىگە «بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك» ئىشەنسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىتى.

ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن 2018-يىل 12-ئىيۇن سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن تارىخىي ئۇچرىشىشتا كۆرۈشۈپ، كەڭ دائىرىلىك كېلىشىمنى ئىمزالىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر