ۋېنېزۇئېلا كولومبىيە بىلەن بولغان بارلىق دىپلوماتىك ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزدى

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نېكولاس مادۇرو، كولومبىيە بىلەن دىپلوماتىك ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزگەنلىكلىرىنى ئېلان قىلدى.

1151257
ۋېنېزۇئېلا كولومبىيە بىلەن بولغان بارلىق دىپلوماتىك ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزدى
Kolombiya Almagro.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېكولاس مادۇرو، پايتەخت كاراكاستا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا قوللىغۇچىلىرىغا خىتاب قىلدى.

سوتسىيالىست پارتىيەنىڭ رەڭگىگە سىمۋوللۇق قىلىدىغان قىزىل كۆينەكلەرنى كىيگەن مىڭلارچە كىشىنىڭ ئالدىغا بايراق كۆتۈرگەن ھالدا ئۇسسۇل ئويناپ چىققان مادۇرو خېلى ئۇزۇنغىچە ئالقىشلاندى.

ئۆزىگە قارشى تاشلىنىۋاتقان قەدەملەرگە ئىشارەت قىلغان مادۇرو، «قەتئىي تەسلىم بولمايدىغانلىقى» نى ۋە «دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى زۆرۈر تېپىلسا، جېنى بەدىلىگە مۇداپىئە قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتتى.

ھېچبىر نەرسىدىن قورقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مادۇرو، «ئۆزىنى مۇۋەققەت پىرېزىدېنت، دەپ ئېلان قىلغان خۇەن گۇايدونى بولسا، «ۋېنېزۇئېلانى مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرماقچى بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قونچىقى» دەپ ئاتىدى.

ئۆكتىچىلەرنى قوللىغان قوشنا دۆلەت كولومبىيەنىمۇ ئەيىبلىگەن مادۇرو، بۇ دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكلىرىنى جاكارلىدى.

«فاشىست كولومبىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇجۇمچى پوزىتسىيەلىرىگە تېخىمۇ ئۇزۇن چىداپ بولالمايمەن، شۇڭا كولومبىيە بىلەن بولغان ھەرتۈرلۈك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى قارار قىلدىم» دېگەن مادۇرو، بۇ دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرىغا ۋېنېزۇئېلانى چىقىپ كېتىش ئۈچۈن 24 سائەت مۆھلەت بەردى.

پايتەخت كاراكاستا ئۆكتىچىلەرمۇ نامايىش ئۆتكۈزدى. بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېقىن يەردە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، دۆلەتكە «ئىنسانىي ياردەم» لەرنىڭ كىرىشىگە يول قويۇشقا چاقىرىق قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر