كىم جوڭئۇننىڭ مەخسۇس پويىزى ۋىيېتنامغا قاراپ يولغا چىقتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ۋىيېتنامغا قاراپ يولغا چىققان شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇننىڭ چەت ئەل زىيارەتلىرىدە ئىشلىتىدىغان پويىزى خىتاي چېگراسىدىن ئۆتتى.

1151388
كىم جوڭئۇننىڭ مەخسۇس پويىزى ۋىيېتنامغا قاراپ يولغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيەنىڭ يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقى، كىم جوڭئۇننىڭ چەت ئەل زىيارەتلىرىدە ئىشلىتىدىغان پويىزىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ، خىتاينىڭ دەندوڭ شەھىرىگە كىرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ تاس خەۋەر ئاگېنتلىقى، كىم جوڭئۇننىڭ خۇسۇسىي پويىزىغا ئولتۇرۇپ شۇ جاي ۋاقتى سائەت 17:00 دە پايتەخت پىيوڭياڭدىن قوزغالغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن، 27-، 28 – فېۋرال كۈنلىرى ۋىيېتنامدا ئىككىنچى قېتىم ئۇچرىشىدۇ.

شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇننىڭ پىيوڭياڭدىن خانويغىچە بولغان سەپىرىنىڭ 48 سائەت ئەتراپىدا داۋاملىشىشى كۈتۈلمەكتە.

دۆلەتنىڭ رەسمىي تاراتقۇلىرى، ئادەتتە چەت ئەل زىيارەتلىرىنىڭ تەپسىلاتى مەخپىي تۇتۇلىدىغان كىم جوڭئۇننىڭ ۋىيېتنامغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ – چىقمىغانلىقى توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر تارقاتمىدى.

ۋىيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇننىڭ پىرېزىدېنت نگۇيېن فۇ تروڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن «ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە» دۆلەتتە رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

دونالد ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن 2018 – يىلى 12 – ئىيۇندا سىنگاپوردا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، كەڭ دائىرىلىك كېلىشىملەرنى تۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر