پومپېيو بىلەن گۇتېرس يەمەن ۋە ۋېنېزۇئېلا مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرس يەمەن بىلەن ۋېنېزۇئېلا مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

1150440
پومپېيو بىلەن گۇتېرس يەمەن ۋە ۋېنېزۇئېلا مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرس ب د ت ئىشخانىسىدا كۆرۈشتى. كۆرۈشۈش 35 مىنۇت داۋاملاشتى.

ب د ت باش كاتىپى گۇتېرسنىڭ باياناتچىسى ستېفىن دۇجارىك ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى يازما باياناتتا، ئانتونىيو گۇتېرس بىلەن پومپېيونىڭ يەمەن مەسىلىسىدە، بولۇپمۇ ستوكھولم كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى، تەرەپلەرنىڭ ھۇدەيدەدىن چېكىنىشى ۋە ئەسكەرلەرنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باشلاشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەنلىكلىرى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، ئىككى رەھبەرنىڭ ۋېنېزۇئېلا ۋە رايون ۋەزىيىتىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر