پ ك ك نىڭ سۈرىيەدە ئېلىپ بارغان ھۇجۇمى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك نىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى مۇنبىچ رايونىدىن چىققان بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىلنىڭ جەرابلۇستا پارتلىتىلىشى نەتىجىسىدە 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1150682
پ ك ك نىڭ سۈرىيەدە ئېلىپ بارغان ھۇجۇمى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك نىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى مۇنبىچ رايونىدىن چىققان بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل،«فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق تېررورچىلاردىن تازلانغان جەرابلۇس ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان گاندۇرا رايونىدىكى تۇنجى كونتىرول نۇقتىسىدا پارتىلىتىلغان.

پۇقراۋى قوغدىنىش ئەترەتلىرىنىڭ مەسئۇلى رائىد سالىھنىڭ ئېيتىشىچە، پارتلاشتا، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى قارمىقىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچىلاردىن 5 بومبا مۇتەخەسسىسى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورچىلاردىن تازىلانغان ئافرىن ناھىيەسى مەركىزىدە ئالدىنقى كۈنى كەچتە مەيدانغا كەلگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 1 پۇقرا ئۆلگەن، 20 پۇقرا يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر