مايك پېنس ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچىلىرىنى قوللاش ئۈچۈن كولومبىيەگە بارىدۇ
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس 25-فېۋرال (دۈشەنبە) ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان ئۆكتىچى رەھبەر خۇەن گۇايدونى قوللاش مەقسىتىدە كولومبىيەگە بارىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنسنىڭ كولومبىيە پىرېزىدېنتى ئىۋان دۇكې (Ivan Duque) نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن كولومبىيەگە بارىدىغانلىقى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنسنىڭ دونالد ترامپقا ۋاكالىتەن كولومبىيەگە بارىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:
«ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت خۇەن گۇايدوغا ئامېرىكانىڭ ئۆزگەرمەس قوللىشىنى يەتكۈزىدىغان مۇئاۋىن پىرېزىدېنت، ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، ۋېنېزۇئېلا خەلقىنىڭ دېموكراتىيەسى ئۈچۈن قىلىۋاتقان كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىنىمۇ تەكرارلايدۇ.»
بىرازىلىيەدە لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىنى توپلايدىغان «لىما گۇرۇھى» (Lima Grup) ئۆتكۈزىدىغان يىغىندا، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىگە خىتاب قىلىدىغان مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنسنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكادىن ۋېنېزۇئېلاغا ئەۋەتىلگەن ۋە چېگرادا ساقلىتىپ قويۇلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى ۋېنېزۇئېلاغا كىرگۈزۈش مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي كىرىزىس ھەققىدە ئېلان قىلغان يېڭى باياناتىدا، «خەلقنى قوغداش ئۈچۈن» بىرازىلىيە چېگراسىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
نىكولاس مادۇرو ئۆكتىچىلەر ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ كىرىش ۋاقتى دەپ ئېلان قىلغان 23-فېۋرالدا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرسە، بۇنىڭغا كولومبىيە پىرېزىدېنتى ئىۋان دۇكېنى جاۋابكار دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.
كولومبىيەنىڭ ئارقىسىدىن بىرازىلىيەمۇ ۋېنېزۇئېلا چېگراسىغا «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم» ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
نىكولاس مادۇرو ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مۇنازىرىلىرىنى «ئامېرىكانىڭ ئىشغال ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر پارچىسى» ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۆكتىچىلەر بولسا 300 مىڭ كىشىنىڭ جىددىي ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى، 2 مىليون كىشىنىڭ سالامەتلىك خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋېنېزۇئېلاغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.