ئىران «ھۈرمۈز بوغۇزى» دا ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ

ئىران خەلقئارالىق نېفىت تىرانسپورتىغا نىسبەتەن« ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تۈگۈن» ھېسابلىنىدىغان «ھۈرمۈز بوغۇزى» دا ھەربىي مانىۋېر باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1150118
ئىران «ھۈرمۈز بوغۇزى» دا ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى مايور گېنېرال ھۈسەيىن خانزادە، دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ئەتە باشلىنىدىغان ۋە «ۋىلايەت 97» ناملىق دەپ ئاتالغان، 2 مىليون كىۋادرات كىلومېتىرلىق ساھەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان  ھەربىي مانىۋېرنىڭ ئۇدا ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەربىي مانىۋېر <ھۈرمۈز بوغۇزى> دىن <ئۇممان دېڭىزى> ۋە <ھىندى ئوكيان> نىڭ شىمالىغىچە بولغان جايلاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇرۇش پاراخوتلىرى، تىك ئۇچار ئايروپىلانلار ۋە چارلاش ئايروپىلانلىرى قاتناشتۇرۇلىدىغان  ھەربىي مانىۋېر  جەريانىدا، تۇنجى قېتىم سۇ ئاستى پاراخوتلىرىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر