پادىشاھ سەلمان ئىراق باش مىنىستىرى ئابدۇلمەھدى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئال سۇئۇد، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش يولىدا تاشلايدىغان قەدەملىرىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1149680
پادىشاھ سەلمان ئىراق باش مىنىستىرى ئابدۇلمەھدى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى ئادىل ئابدۇلمەھدىنىڭ مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، باش مىنىستىر ئادىل ئابدۇلمەھدىنىڭ پادىشاھ سەلمان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، پادىشاھ سەلمان، دۆلىتىنىڭ ئىراقنىڭ خەۋپسىزلىك، مۇقىملىق ۋە باياشاتلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى ۋە ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش يولىدا تاشلايدىغان قەدەملىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئادىل ئابدۇلمەھدى بولسا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا نېفىت، سودا ۋە ئىقتىساد  ساھەسى بويىچە تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئىراق سەئۇدى ئەرەبىستان باشتا بولۇپ پارس قولتۇقى ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ ئۇزۇن يىللار بويىچە داۋاملاشقان يىرىك مۇناسىۋەتلەردىن كېيىن، ئىراق بىلەن يېقىنلىشىشقا ۋە ئىراننىڭ بۇ دۆلەتتىكى نوپۇزىنى تىزگىنلەشكە تىرىشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر