باڭلادېشتا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

باڭلادېشنىڭ پايتەختى دوھادىكى تارىخىي بىر بىنادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 69 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1149524
باڭلادېشتا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادېش ئۆت ئۆچۈرۈش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەھمەدنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەھەرنىڭ «دەققە» دەپ ئاتىلىدىغان كونا رايونخدىكى چاۋكبازار مەھەللىسىدە يېرىم كېچىدە تارىخىي بىر بىنادا باشلانغان ئوت ئاپىتى، كېيىنچە ئىسكىلاتلاردىكى خىمىيەلىك ۋە پىلاستىك بار باشقا بىنالارغا تۇتۇشۇپ كەتكەن.

ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خادىمى مەھفۇز رىبېننىڭ ئېيتىشىچە، سودا سارايلىرى ۋە ئىسكىلاتلار بار بىنالار تار كوچىلاردىن ئايرىلىدىغان رايوندا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە، كەم دېگەندە 69 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، رايوندا  كۆپ ساندا كىشى -قاپسىلىپ قالغان بولۇپ، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىش خەۋپى بار ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئوت ئۇدا 9 سائەت داۋاملاشقان پائالىيەتلەر نەتىجىسىدە ئۆچۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر