ئىران پىرېزىدېنتىنىڭ ئىنىسى سوراق قىلىندى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ ئىنىسى ھۇسەيىن فەرىدۇن «چىرىكلىك جىنايىتى» سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلاندى.

1148699
ئىران پىرېزىدېنتىنىڭ ئىنىسى سوراق قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى –ئىرنانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر مەزگىل پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر تۇغقىنى فەرىدۇن بىلەن بىرلىكتە 4 كىشى، چىرىكلىك جىنايىتىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىدە سوت كوللېگىيەسى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغان.

فەرىدۇن، 2017 – يىلى ئىيۇلدا بىر قېتىملىق چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، كېيىن قويۇۋېتىلگەنىدى.

سابىق دىپلومات ھۇسەيىن فەرىدۇن، 1989 – 1997 – يىللىرى ئارىسىدا ئىراننىڭ كۇئالا لامپۇردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى.

فەرىدۇن، ئىراندىكى ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن «چىرىكلىك، پارا ئېلىش ۋە ناھەق ھالدا بىر بانكىغا باش مۇدىر تەيىنلەشكە ئارىلىشىش» دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

رۇھانىغا يېقىن قاتلاملار بولسا، فەرىدۇنغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنىڭ «سىياسىي غەرەزلىك» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، 1979 – يىلىدىكى ئىنقىلابتىن ئىلگىرى «فەرىدۇن» دېگەن فامىلىسىنى دىنىي زات دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «رۇھانى» غا ئۆزگەرتىۋەتكەنىدى.


خەتكۈچ: #ئىران , #رۇھانى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر