ۋېنېزۇئېلا چېگرا بويلىرىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇردى

ۋېنېزۇئېلا ئارمىيەسى پىرېزىدېنت نېكولاس مادۇرونىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن چېگرا بويلىرىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇردى.

1149213
ۋېنېزۇئېلا چېگرا بويلىرىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلانىڭ گوللاندىيەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى كارىب ئاراللىرى بىلەن بولغان دېڭىز يولى قاتنىشىنىڭمۇ تويۇقسىزلا كېسىپ تاشلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئامېرىكىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچىلىرى «ئىنسانىي ياردەملەر» نىڭ كىرىش ۋاقتى دەپ ئېلان قىلغان 23 – فېۋرالدىن ئىلگىرى چېگرادىكى ھوشيارلىق يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

ۋېنېزۇئېلا مۇداپىئە مىنىستىرى ۋىلادىمىر پادرىنو لوپېز بايانات بېرىپ، باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ھالدا، «ئەسكەرلەر زېمىنلىرىمىزنىڭ پۈتۈنلۈكىنىڭ دەخلىگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن باش قوماندانىمىز (نېكولاس مادۇرو) نىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن چېگرا بويلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى ۋە ئۇلار ھوشيار ھالەتتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

قۇرۇقلۇقتىكى تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى، دېڭىز تەرەپتىن كېلىدىغان خەۋپلەرگە تاقابىل تۇرۇش يولىدىمۇ قەدەم تاشلىدى.

فالكون رايونلۇق پۇقرالارنى ئاسراش ئىشلىرى دىرېكتورى گىرېگورى جوزې مونتانو، كارىب دېڭىزىدىكى گوللاندىيەگە قاراشلىق 3 ئارال بىلەن بولغان دېڭىز يولىنىڭ ۋاقىتسىز كېسىپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مونتانو، قارارنىڭ ياردەمنىڭ مەركىزى بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان كۇراكاۋ بىلەن ئارۇبا ۋە بونائىرې ئاراللىرى ئوتتۇرىسىدىكى قاتناشقا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تارىخىنىڭ ئەڭ ئېغىر سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بوھرانىغا دۇچ كەلگەن ۋېنېزۇئېلادا، «ئىنسانىي كىرىزىس ۋە ياردەم» دەتالاشلىرى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھىمايىسىدىكى ئۆكتىچىلەر بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.

پىرېزىدېنت نېكولاس مادۇرو، ياردەم دەتالاشلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىشغال ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ دەبدەبىگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۆكتىچىلەر بولسا، 300 مىڭ ئادەمنىڭ جىددىي ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى، 2 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ سالامەتلىك جەھەتتە خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتكە ياردەم كىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

بېسىملارغا قارىماي، مادۇروغا ساداقەتمەنلىك بىلەن بويسۇنۇۋاتقان ئارمىيە چېگرالارنى تاقىۋەتتى، ئۆكتىچىلەرنىڭ، كولومبىيەنىڭ ۋېنېزۇئېلا چېگراسىدىكى كۇكۇتا شەھىرى بىلەن ۋېنېزۇئېلاغا تەخمىنەن 40 مىل يىراقلىقىدىكى كۇراكاۋ ئارىلىرىدا توختىتىپ قويۇلغان ياردەملەرنىڭ 23 – فېۋرالدا دۆلەت تەۋەلىكىگە قانداق ئېلىپ كىرىدىغانلىقى مەسىلىسى بىر مۇئەمما بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئامېرىكا تەرەپنىڭ، 600 مىڭ ئادەم پىداكارلىق بىلەن رول ئوينىغان «ياردەم» ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلىنىشىنى باھانە قىلىپ ۋېنېزۇئېلاغا مۇداخىلە قىلىش ئېھتىمالى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر