ئۇكرائىنا ياۋروپا ياشلىرى ئۆتكۈزۈۋاتقان نامايىشلارنىڭ ئارقىسىدا رۇسىيەنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان كىلىمات ئۆزگىرىش نامايىشلىرىنىڭ ئارقىسىدا رۇسىيەنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1147907
ئۇكرائىنا ياۋروپا ياشلىرى ئۆتكۈزۈۋاتقان نامايىشلارنىڭ ئارقىسىدا رۇسىيەنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پاۋلو كلىمكىن ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ياشلار تەشكىللىگەن كىلىمات ئۆزگىرىشى نامايىشلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدا رۇسىيەنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا مۇخبىرلارنىڭ «ياۋروپادا ياشلار ئۆتكۈزگەن كىلىمات ئۆزگىرىش نامايىشلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدا رۇسىيەنىڭ بار-يوقلۇقى» توغرىسىدىكى سوئالىغا: «چوقۇم شۇنداق» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ موسكۋا ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپادىكى تەھدىت ئامىللىرىنى بېقىپ سەمىرىتىۋاتقانلقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«رۇسىيەنىڭ مەقسىتى دېموكراتىك ئورەانلىرىمىزنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئاجىزلىتىش» دېدى.

گېرمانىيە، بېلگىيە، ئەنگلىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ياشلار، يېقىنقى ئايلاردا پات-پات كىلىمات ئۆزگىرىشى نامايىشلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەشكىللىنىۋاتقان نامايىشلارغا ئونمىڭلارچە ياش ئىشتىراك قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر