ۋوتېل، ي پ گ / پ ك ك نىڭ ئامېرىكىدىن سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرمەسلىكنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى

ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى جوسېف ۋوتېل، تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك نىڭ، ئۆزلىرىدىن سۈرىيەدىن چېكىنمەسلىكنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بىراق بۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا بىر خىل تاللاش ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

1148212
ۋوتېل، ي پ گ / پ ك ك نىڭ ئامېرىكىدىن سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرمەسلىكنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى جوسېف ۋوتېل، سۇرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك نىڭ، ئۆزلىرىدىن سۈرىيەدىن چېكىنمەسلىكنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بىراق بۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا بىر خىل تاللاش ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى گېنېرال - پولكوۋنىك جوسېف ۋوتېل، تۈركىيە تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەر  تەرىپىدىن <سۇرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى> نىڭ قوماندانى دەپ قارىلىۋاتقان پ ك ك تېررورچىسى مازلۇم كوبانى تەخەللۇسلۇق شاھىن جىلو بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى بىر ھەربىي بازىسىدا كۆرۈشتى.

پ ك ك تېررورچىسى جىلو، ئامېرىكىدىن ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتا ياردەم بېرىدىغان زاپاس كۈچ تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جوسىف ۋوتېل جىلو بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، «ئۇلار بىزدىن قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلغان ئىشلارنى ئەلۋەتتە بىلىمىز. بىراق، بۇ نۆۋەتتە بىز مېڭىۋاتقان بىر يول ئەمەس» دېدى.

ۋوتېل، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدە ئەسكەر قالدۇرۇپ قويۇپ – قويمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «دەتالاش ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ يەردە قېلىش – قالماسلىقى توغرىسىدا ئەمەس. ئىتتىپاقداش كۈچلەر نېمىلەرنى قىلالايدۇ، ئۇنىڭغا قاراپ چىقتۇق» دېدى.

ئۇ يەنە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دېكابىر ئېيىدىكى چېكىنىشكە ئالاقىدار يوليورۇقىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر