ترامپنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇچرىشىشلارنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىنىڭ ترامپنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ترامپنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇچرىشىشلارنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆزىنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكى ھەققىدىكى دەۋالارغا ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ «قانۇنسىز ۋە خائىنلارچە بىر قىلمىش» دېدى.

دونالد ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا، ئامېرىكىنىڭ فوكس خەۋەرلەر قانىلىدىن دان بونگىنونىڭ «بۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتىغا قارشى قانۇنسىز سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشى ئىدى» دېگەن سۆزلىرىنى ئورتاقلاشتى.

ترامپ بۇ سۆزلەرنىڭ ئاخىرىغا يازغان «توغرا» دېگەن ئىبارە ئارقىلىق ئۆزىگە قارشى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇلغانلىقى ئىشارەتلىرىنى جەزملەشتۈرگەن بولدى.

دونالد ترامپ مەزكۇر ئۇچۇرنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئاندرېۋ مەككابېنىڭ ئامېرىكا CBS قانىلىدىكى سۆزلىرىدىن كېيىن ئورتاقلاشتى.

ئاندرېۋ مەككابې، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى رود روسېنستېيننىڭ 2017 – يىلى ئۆزى بىلەن، ئاساسىي قانۇننىڭ، ترامپنىڭ «(پىرېزىدېنت بولۇشقا) سالاھىيىتى توشمايدىغانلىقىغا قانائەت قىلىنسا، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان» بىر ماددىسى توغرىسىدا ئىچكى كابېنىتنىڭ بەزى ئەزالىرى بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «(ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاساسىي قانۇنىنىڭ 2 – ماددىسىدىكى 1967 – يىلى كىرگۈزۈلگەن) 25 – قېتىملىق ئۆزگەرتىشلەر توغرىسىدىكى ئۇچرىشىشلاردا رود مەن بىلەن باشقا كابىنېت ئەزالىرىنىڭ قانچىسىنىڭ بۇ خىل بىر تىرىشچانلىقنى قوللاپ – قوللىمايدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەشتى» دېدى.

رود روسېنستېين  بۇ دەۋالارنى رەت قىلىپ، مەزكۇر ماددىنى ئىجرا قىلىشنىڭ «ئاساسىي يوقلۇقى» نى بىلدۈردى.

بۇ جەرياندا، ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ ئەدلىيە كومىتېتى باشلىقى، جۇمھۇرىيەتچى قاناتنىڭ پالاتا ئەزاسى لىندسېي گراھام، ترامپنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىغا ئالاقىدار دەۋالارنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر