پاكىستان، ب د ت نى ھىندىستان - پاكىستان سوغۇقچىلىقىغا مۇداخىلە قىلىشقا چاقىردى

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دىن ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى سۈركىلىشنى پەسكويغا چۈشۈرۈش يولىدا قەدەم تاشلاشنى تەلەپ قىلدى.

1148582
پاكىستان، ب د ت نى ھىندىستان - پاكىستان سوغۇقچىلىقىغا مۇداخىلە قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاھ مەھمۇد قۇرەشى، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسقا ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسدىىكى سوغۇقچىلىقنى پەسكويغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى تەلەپ قىلىپ بىر پارچە مەكتۇپ يوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ARY خەۋەرلەر قانىلىنىڭ بىر سۆھبەت پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، مەكتۇپىدا سايلام مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ھىندىستاننىڭ، كەشمىر رايونىدا ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى باھانە قىلىپ پاكىستانغا قارشى ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىدىن ئىسلامئابادنىڭ قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ھىندىستان ئۇلغايتىۋاتقان جىددىيچىلىكنىڭ رايونغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئانتونىئو گۇتېررېسنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن قۇرەشى، ب د ت نىڭ 5 دائىمىي ئەزاسىغا، ھۇجۇمدىن بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى ھىندىستاننىڭ ئاۋازغا ئېرىشىشنى كۆزلەپ، پاكىستانغا قارشى كەيپىيات پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

قۇرەشى، مەكتۇپىدا، ھىندىستان ئۆزىگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا پاكىستاننىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلارنىڭ بارلىقىغا دائىر كۈچكە ئىگە پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان تەقدىردە، تېگىشلىك تەكشۈرۈشنى باشلايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇقچىلىق 14 – فېۋرالدا كەشمىردە يۈز بەرگەن ھۇجۇم بىلەن تەڭ قايتىدىن ئەۋجىگە چىققانىدى.

ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى كەشمىردە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا ھىندىستاننىڭ 44 ئەسكىرى ئۆلگەن، يېڭى دېھلى ھۇجۇمچىلارنىڭ پاكىستاننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

پاكىستان بولسا ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان ۋە ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر