تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئاتالمىش دائېش پىلانىنى ئېلان قىلدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك -ي پ گ ئامېرىكانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن دائېشقا زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1147512
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئاتالمىش دائېش پىلانىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك –ي پ گ  دائېشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ،  ئامېرىكانىڭ ئىزچىل  ياردىمىگە ئېرىشىشنىڭ كويىدا يۈرمەكتە.

ئامېرىكانىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك –ي پ گ، ئالدىنقى كۈنى فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ چاڭگىلىدىكى بىر تۇرالغۇ جاينى تارتىۋالغانىدى.

ي پ گ- پ ك ك تۈنۈگۈن ئامېرىكادىن ياردەم ئېلىش ئۈچۈن خاسەكىدە يىغىن چاقىردى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى يىغىندا چاڭگىلىدىكى رايوندا تازىلانماي قالغان دائېش بازىلىرىنى يوق قىلىشنى قارار قىلدى.

يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، دەيرىزورنىڭ باگوز رايونىدىكى بارلىق دائېش ئەزالىرى تارقاقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا دائېشنىڭ يوشۇرۇن بازىلىرى بىلەن ئىجتىمائىي، ئىدىيەۋى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە داۋاملىشىۋاتقان مەۋجۇدلۇقىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تەشكىلاتنىڭ بۇ پىلان ئارقىلىق ئامېرىكادىن ئىزچىل ياردەم ئېلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر