پاكىستان تېھرانغا ھەيئەت ئەۋەتىدۇ

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەشى ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىدا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمى توغرۇلۇق تېھرانغا ھەيئەت ئەۋەتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1147583
پاكىستان تېھرانغا ھەيئەت ئەۋەتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇرەشى بىلەن ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف بىر يەرگە جەم بولغان.

ئۇچرىشىشتا، سىستان – بېلۇجىستاندا ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىدىن 27 ئەسكەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىگەن قۇرەشى، پاكىستاننىڭ ئىران دائىرىلىرى بىلەن مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەتنى تېھرانغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈشى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى  كۈرەش ئۈچۈن پاكىستاننىڭ ئىران بىلەن ھەر جەھەتتىن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئىراننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سىستان – بېلۇجىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق زاھىدان شەھىرىدە پەيشەنبە كۈنى بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىنىڭ 27 ئەسكىرى قازا  قىلغانىدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «جەيشۇل ئىسلام» ناملىق تەشكىلات ئۆز ئۈستىگە ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر