نىگېرىيەدە بوكو ھارام بىلەن دۆلەت ئارمىيەسى توقۇنۇشتى

نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا دۆلەت ئارمىيەسى بىلەن بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، تۆت ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى.

1147080
نىگېرىيەدە بوكو ھارام بىلەن دۆلەت ئارمىيەسى توقۇنۇشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى ساگىر مۇسا تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ يوبې ئىشتاتىغا قاراشلىق بۇنى يادى رايونىدىكى ھەربىي تەكشۈرۈش نۇقتىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى ساگىر مۇسا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىن چىققان ئېتىشىشتا، تۆت ئەسكەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، بەش ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى؛ بەش تېررورىستنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە نۇرغۇن ساندا موتوسىكلىت ھەمدە ئوق-دورىلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

نىگېرىيەدە 2000-يىللارنىڭ بېشىدىن تارتىپ پەيدا بولۇشقا باشلىغان تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ 2009-يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملىرىدا، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى 2015-يىلدىن تارتىپ نىگېرىيەنىڭ قوشنىلىرى بولغان كامېرون، چاد ۋە نىگېر قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ھۇجۇم ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىشقا باشلىدى. تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ چاد كۆلى ئويمانلىقىدا پەيدا قىلغان ھۇجۇملىرىدا، ئەڭ ئاز دېگەندە، 2 مىڭ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سابىق باياناتچىسى ئەبۇ مۇساب ئەل بارناۋى 2016-يىلى تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنىشى، 2009-يىلدىن تارتىپ رەھبەرلىك ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئەبۇ بەكىر شېكاۋ بىلەن ئەبۇبەكىر بارناۋى ئوتتۇرىسىدا ۋە تەشكىلات ئىچىدە بۆلۈنۈشلەرگە سەۋەب بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر