قاتار مىسىردا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

قاتار، مىسىرنىڭ سىنا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش نۇقتىسدا مەيدانغا كەلگەن قوراللىق ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1146906
قاتار مىسىردا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، دوھانىڭ، سەۋەبىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە قارشى پوزىتسىيەسىنىڭ روشەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، مىسىرنىڭ شىمالىي سىنا ۋىلايىتىدىكى بىر تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا مەيدانغا كەلگەن قوراللىق ھۇجۇمنىڭ قاتتىق ئەيىبلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى، مىسىر خەلقىگە ۋە ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلىلىرىگە تەزىيە بىلدۈرۈلدى، يارىدارلارغا تېز شىپالىق تىلەندى.

شىمالى سىنادىكى بىر تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا يۈز بەرگەن، جاۋابكارلىقىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالغان قوراللىق ھۇجۇمدىن كېيىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتىن كېيىن ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئەسكەرلەرنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.


خەتكۈچ: #قاتار , #مىسىر

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر