نائۇئېرت ئامېرىكىنىڭ ب د ت دائىمىي ۋەكىلى نامزاتلىقىدىن چېكىندىن

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېئىتېر نائۇئېرت، ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نامزاتلىقىدىن چېكىندى.

نائۇئېرت ئامېرىكىنىڭ ب د ت دائىمىي ۋەكىلى نامزاتلىقىدىن چېكىندىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتچى ھېئىتېر نائۇئېرت نامزاتلىقتىن چېكىنىش قارار توغرىسىدا توختىلىپ، «يېقىنقى ئىككى ئاي ئائىلەم ئۈچۈن تولىمۇ جاپالىق ئۆتتى. شۇڭا ئائىلەمنى ئويلاپ نامزاتلىقتىن چېكىنىمەن» دېدى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىللىكىگە نامزات كۆرسەتكەن ھېئىتېر نائۇئېرت توغرىسىدا «ناھايىتى تالانتلىق ۋە ئەقىللىق، مېنىڭچە ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ» دېگەنىدى.

بىراق، مەزكۇر ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى ئۈچۈن پالاتانىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى شەرت بولغان نائۇئېرت، سىياسىي تەجرىبىسى يېتەرلىك ئەمەس، دەپ قارالماقتا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر