نەسرۇللاھ پومپىيونىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

ھىزبۇللاھ باش كاتىپى ھەسەن نەسرۇللاھ، ۋېنېزۇئېلادا ھىزبۇللاھ ئەزالىرىنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارنى رەت قىلدى.

1146898
نەسرۇللاھ پومپىيونىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەسەن نەسرۇللاھ، ھىزبۇللاھنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان داڭلىق كىشىلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئىشتىراكچىلىرىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك سۆز قىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ۋېنېزۇئېلادا ھىزبۇللاھنىڭ مەخپىي كۈچلىرىنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرىگە جاۋاب بەردى.

ئۇ، مايك پومپېيونىڭ «ھىزبۇللاھ ھەردائىمقىدىنمۇ كۈچلۈك ھالەتكە كەلدى» دېگەن سۆزلىرىنى توغرا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بەزىدە مۇبالىغە قىلىۋېتىشىدۇ. مەسىلەن، ھىزبۇللاھنىڭ ۋېنېزۇئېلا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىدا نوپۇز ياراتقانلىقى ۋە ئۇ يەردە ئەزالىرىنىڭ بارلىقىنى دەۋاتىدۇ، مەن بۇنى پۈتۈنلەي رەت قىلىمەن» دېدى.

ئامېرىكا باشچىلىقىدا پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋاردا  13-، 14 – فېۋرال كۈنلىرى چاقىرىلغان ئوتتۇرا شەرق تېمىلىق يىغىن توغرىسىدىمۇ توختالغان نەسرۇللاھ، ۋارشا يىغىنىنىڭ ئۆزلىرىنى قورقىتالمىغانلىقىنى ۋە ئىشتىراك قىلىش نىسبىتىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندىكى تېررورلۇقنىڭ باشلامچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن نەسرۇللاھ، «بۇ يىغىننىڭ نىشانىدا پەلەستىن دەۋاسى بار ئىدى. تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يىغىنىدا پەلەستىن مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. ۋارشاۋا يىغىنىنىڭ ھەقىقىي نىشانى، ئىسرائىلىيە بىلەن نورماللىشىش مۇساپىسى ۋە پارس قولتۇقىدىكى بەزى يوشۇرۇن مۇناسىۋەتلەرگە ئاشكارىلاش ئىدى. ئاشكارىلانغان سەئۇدى ئەرەبىستان بولدى» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، 6 – فېۋرالدا بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا، ۋېنېزۇئېلادا ھىزبۇللاھ ئەزالىرىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئىرانلىقلار ۋېنېزۇئېلا خەلقى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىغا خەۋپ يەتكۈزمەكتە. ئامېرىكا شۇڭا ئېمبارگولارنى ئېغىرلاشتۇرماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان ۋە ھىزبۇللاھنىڭ  ۋېنېزۇئېلانى قارا پۇل ئاقلاش بازىسىغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر