ئەسەد قىسىملىرى سوچى ئەھدىنامىسىنى ئاياق ئاستى قىلماقتا

سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئىران قوللاۋاتقان تېررورچى گۇرۇپپىلار بىرلىكتە ئىدلىبتا «يىرىكچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونى» دەپ بەلگىلىگەن دائىرە ئىچىدىكى ئۇلتۇراق يەرلەرنى يېرىم كىچىدە 100 دىن ئارتۇق توپ ئوقى ئېتىپ، بومباردىمان قىلدى.

ئەسەد قىسىملىرى سوچى ئەھدىنامىسىنى ئاياق ئاستى قىلماقتا

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسەد قىسىملىرى سوچى ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ئىدلىبتا «يىرىكچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونى» دەپ بەلگىلىگەن دائىرە ئىچىدىكى ھامانىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان مادىك قەلئەسى يېزىسى، تۇۋەينە، شەرىئا ۋە باب ئەتتەقا يېزىلىرىنى شۇنداقلا شىمال تەرىپىگە جايلاشقان لاتامىنە ۋە كەفەر زىتا ناھىيەلىرى بىلەن ئەتراپتىكى يېزىلارنى يېرىم كىچىدە 100 دىن ئارتۇق توپ ئوقى ئېتىپ   بومباردىمان قىلدى.

ئەسەد قىسىملىرىنىڭ تۈنۈگۈن كەچىدىمۇ ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى خان شەيخۇن ناھىيەسىگە 25 پاي توپ ئوقى ۋە راكىتامىيۇتلارنى ئېتىپ قىلغان ھۇجۇمىدا، 8 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 9 پۇقرا يارىدار بولغان ئىدى.

ئەسەد قىسىملىرىنىڭ يېڭى يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان ئىدلىبتىكى «يىرىكچىلىكنى تۆۋەنتىلىش رايونى» دەپ بەلگىلىگەن جايلارغا ھاۋادىن ۋە قۇرۇغلۇقتىن قىلغان ھۇجۇملىرىدا، 53 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 220 دىن ئارتۇق كىشى يارىدار بولدى. 

تۈركىيە ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىدلىبتىكى ئۇرۇش توختىتىشنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تۈزۈلگەن سوچى ئەھدىنامىسىگە قارىماستىن، ئەسەد قىسىملىرى ھۇجۇملىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇماقتا.

ھەربىي ئۆكتىچىلەر بولسا، 2018يىلى 17 - سىنتەبىردە ئىمزالانغان كېلىشىمگە بىنائەن رايوندىكى ئېغىر تىپلىق قوراللىرىنى 2018يىلى 10 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ  چېكىندۈرۈپ كەتكەن ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر