ۋېنېزۇئېلا ھەر قانداق ھۇجۇم ياكى ئارىلىشىشلارغا لايىقىدا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خورخې ئاررېزا دۆلىتىگە قىلىنغان ھەر قانداق ھۇجۇم ياكى سىرتتىن ئارىلىشىشلارغا لايىقىدا جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1145824
ۋېنېزۇئېلا ھەر قانداق ھۇجۇم ياكى ئارىلىشىشلارغا لايىقىدا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:   ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خورخې ئاررېزا پەلەستىن، سۈرىيە، خىتاي، كۇبا، شىمالىي كورېيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە كۆرۈشتى. ئۇ كۆرۈشۈشتىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى ۋە ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان ئېمبارگولىرىنى تەنقىد قىلىپ: «بۇ ئېمبارگونىڭ بىزگە بولغان ئىقتىسادىي يۈكى 30 مىليارد دوللار» دېدى.

ئۇ ۋېنېزۇئېلادا ئىنسانىي كىرىزىسنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ 1.2 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئالتۇنىنى يۆتكەشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: «خەلقىمىزنى ئېمبارگولاردىن قوغدايمىز» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ تىنچلىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت سالىدىغان بىر خىل «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ۋېنېزۇئېلا ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت. ۋېنېزۇئېلانىڭ ھاۋا ، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ ھەر بىر غىرىچىنى قوغدايمىز. ھەر خىل ھۇجۇم ياكى سىرتقى ئارىلىشىشلارغا لايىقىدا جاۋاب قايتۇرىمىز» دېدى.

رۇسىيەنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى ۋاسسىلي نېبېزىيا ئامېرىكانى «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى سىياسىي قەرت ئورنىدا پايدىلىنىماقتا» دەپ تەنقىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىش ناھايىتى ناچار ھادىسە بولىدۇ.»

ۋېنېزۇئېلادا ئۆزىنى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان ئۆكتىچىلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەت پارلامېنتىنىڭ باشلىقى خۇەن گۇايدو، ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، كانادا، كولومبىيە، پېرۇ، ئېكۋادور، پاراگۋاي، بىرازىلىيە، چىلى، پاناما، ئارگېنتىنا، كوستا رىكا ۋە گىۋاتېمالا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا گېرمانىيە، ئەنگلىيە، ئىسپانىيە، ئاۋستىرىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، لېتونىيە، دانىيە، چېخىيە ۋە پورتۇگالىيەدىن باشقا، ياۋروپا پارلامېنتىمۇ خۇەن گۇايدونى قوللىغان ئىدى.

تۈركىيە، مېكسىكا، رۇسىيە، ئىران، كۇبا، خىتاي ۋە بولىۋىيە ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى. نىكولاس مادۇرو بۇ ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا ئامېرىكا بىلەن بارلىق دىپلوماتىك ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقلىرىنى، بىراق سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋېنېزۇئېلاغا ئەسكەر ئەۋەتىشنى مەسىلىنى ھەل قىلش يوللىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر