ترامپنىڭ جىددىي ھالەت ئېلان قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ئاندېرس پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1145658
ترامپنىڭ جىددىي ھالەت ئېلان قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئومۇمىي خامچوتقا دائىر قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالاش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ داۋاملىق ئوچۇق ھالەتتە بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى، بىراق چېگرا بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە «جىددىي ھالەت»ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتچى ساراھ ساندېرس فېدراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ داۋاملىق ئوچۇق ھالەتتە بولۇپ بولمايدىغانلىقى مەسىلىسىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ساندېرس پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئومۇمىي خامچوتقا دائىر قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالايدىغانلىقىنى ۋە فېدراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ قايتىدىن تاقىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتچى ساندېرس باياناتىدا مۇنۇلارنى دېدى: «پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بۇرۇنمۇ دېگەندەك ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇمىي خامچوتىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالايدۇ، بىراق چېگرايىمىزدىكى ئىنسانىي ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك كىرىزىسىنى تەلتۆكۈس تۈگىتىش ئۈچۈن، جىددىي ھالەت بولۇپ بىر قاتار تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشىمىز شەرت.  »

باياناتچى ساندېرس، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ  «مېكسىكا چېگراسىغا تام سېلىپ چىقىش»توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى چوقۇم ئورۇندايدىغانلىقىنى ۋە چېگرالارنى قوغداش مەسلىسىدە تېگىشلىك تەدبىرنى ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

دۆلەت مەجلىسىدىن مېكسىكا چېگراسىغا تام سېلىنىش ئۈچۈن ئۆزى تەلەپ قىلغان راسخوتنى ئالالمىغان دونالد ترامپنىڭ «چېگرا بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە جىددىي ھالەت»ئېلان قىلىش ئارقىلىق، مېكسىكا چېگراسىغا سېلىنىدىغان تاملار ئۈچۈن كېتىدىغان راسخوتنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

دونالد ترامپنىڭ «جىددىي ھالەت»ئېلان قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بېرىلگەن بايانات ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلغان بولسا، بەزى مۇتەخەسىسلەر تالاش-تارتىشلىق مۇنداق بىر مەسىلىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنىشنىڭ ئاساسىي قانۇنغا زىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىغا 5 مىليارد 7 مىليون دوللار راسخوت كېتىدىغان چېگرا تاملىرى سېلىپ چىقىشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىشى، شۇنداقلا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ترامپنىڭ بۇ تەلىپىگە قوشۇلماسلىقى قاتارلىقلار تۈپەيلى، ئامېرىكا فېدراتسىيە ھۆكۈمىتى 2018-يىلى 22-دېكابىردىن 2019-يىلى 25-يانۋارغىچە 35 كۈن تاقىلىپ قالدى.

كېيىنچە ئاۋام پالاتاسى بىلەن كېڭەش پالاتانىڭ ئۆتكەن ھەپتە ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن ئۈچ ھەپتىلىك خامچوت قانۇنى پىرېزىدېنت دونالد ترامپ تەرىپىدىن ئىمزالىنىپ رەسمىي يولغا قويۇلدى، نەتىجىدە ئامېرىكا فېدراتسىيە ھۆكۈمىتى 35 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قايتىدىن ئېچىلىپ، تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن تاقىلىپ كېتىش ھادىسىسىگە خاتىمە بەرگەن بولدى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، دۆلەت مەجلىسىدىن چېگرا بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە ئادىل بولغان بىر قارار چىقمىغان تەقدىردە، ھۆكۈمەتنىڭ 15-فېۋرالدا قايتىدىن تاقىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ياكى ئۆزىنىڭ پىرېزىدېنتلىق سالاھىيىتىنى ئىشلىتىپ«جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر