خىتاي تىبەتتىكى جۇمۇلاڭما چوققىسىنى ساياھەتچىلەرگە مەڭگۈلۈك تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي تىبەت ئاپتونوم رايونىغا جايلاشقان جۇمۇلاڭما چوققىسىنى ساياھەتچىلەرگە مەڭگۈلۈك تاقىغانلىقىغا قارىتا تاغدا قىسمەن ئەخلەت بېرىككەنلىكىنى سەۋەب كۆرسەتتى.

1146212
خىتاي تىبەتتىكى جۇمۇلاڭما چوققىسىنى ساياھەتچىلەرگە مەڭگۈلۈك تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «South China Morning Post» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا ماقۇللانغان ۋە كېيىنچە جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىنغان قارار دائىرىسىدە، 5200 مېتىر ئېگىزلىكتىن ئاشىدىغان جايلارنىڭ ھەممىسى ئېكوئولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش سەۋەبىدىن ساياھەتچىلەرگە مەڭگۈلۈك تاقىۋېتىلىدىكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، بۇ قارارنىڭ ماقۇللىنىشىغا ئالدىنقى يىلى 5200 مېتىردىن ئېگىز جايلاردا 8 توننا 400 كېلو ئەخلەت ۋە ئۇنىڭدىن نۆۋەنرەك جايلاردا بولسا، 335 توننا ئەخلەت توپلىنىپ قالغانلىقى سەۋەب كۆرسىتىلگەن.

پەقەت تاغقا يامىشىش رۇخسىتى بولغان تەنتەربىيەچىلەرنىڭلا 5200 مېتىردىن ئېگىز جايلارغا ياماشىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىكەن. تاغنىڭ تىبەت تەرەپتىكى قىسمىغا يامىشىش رۇخسىتى بۇ يىل ئاران 300 كىشىگە چۈشۈرۈلگەن.

خىتاي تاغچىلىق جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى 8 يىل ئىچىدە 40 دۆلەتتىن جەمئىي 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جۇمۇلاڭما چوققىسىغا ياماشقان ئىكەن.

دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز تاغ دەپ بىلىنىدىغان جۇمۇلاڭما چوققىسى، نېپال بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، خىتايدىن تاغقا يامىشىشنى خالايدىغانلار تىبەت ئاپتونوم رايونىدىن يامىشىپ كەلمەكتە ئىدى.


خەتكۈچ: #خىتاي , #تىبەت

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر