گوللاندىيە سوتى پ ك ك ئەزاسىنى قاماققا ھۆكۈم قىلدى

گوللاندىيە تۈركىيەنىڭ ئامىستېردام كونسۇلخانىسىغا مولوتوپ بىلەن ھۇجۇم قىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئەرجان پولاتەرىنى 16 ئايلىق قاماققا ھۆكۈم قىلدى.

1145873
گوللاندىيە سوتى پ ك ك ئەزاسىنى قاماققا ھۆكۈم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:   ئامىستېردام سوتى تۈركىيە كونسۇلخانىسىغا مولوتوپ بىلەن ھۇجۇم قىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئەرجان پولاتەرىنىڭ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، جاۋابكار ئەرجان پولاتەرغا 2018-يىل 11-ئاۋغۇست قەستەنلىك بىلەن تۈركىيە كونسۇلخانىسىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ تاللاپ، سۇنئىي ئۇسۇلدا ياسالغان ئۈچ دانە پارتلاتقۇچ بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئالتە ئاي كاپالەتكە قويۇپ بېرىش مۇددىتىنى قوشۇپ، جەمئىي 16 ئايلىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، جاۋابكار ئەرجان پولاتەرغا تەپتىش تەلەپ قىلغان 20 ئايلىق قاماق جازاسىدىن ئاز بولغانلىقىغا، ھۇجۇم جەريانىدا كونسۇلخانا ۋە ئەتراپىدا ھېچكىمنىڭ يوق بولۇشى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازادا يەنە، 2017-يىلى گېرمانىيەدىكى تۈركىيە كونسۇلخانىسىغا يېقىن جايدا ئىككى مولوتوپ بىلەن تۇتۇلغانلىقىنڭمۇ دىققەتكە ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئۆتكەن يىلى (2018) تۈركىيەنىڭ ئامىستېردام كونسۇلخانىسىغا مولوتوپ بىلەن بىلەن ھۇجۇم قىلغان جىنايەتچى، ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى. ھۇجۇم نەتىجىسىدە، كونسۇلخانا بىناسى چوڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىغان بولۇپ، گوللاندىيە تەپتىشى ئۆتكەن ئاي (يانۋار) ئۇنىڭغا 20 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

جىنايەتچىنىڭ، ئادانا 8- جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ك ج ك غا ئەزا بولغانلىقى سەۋەبىدىن قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ۋە 1983-يىلى تۇغۇلغان ئەرجان پولاتەر ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ گوللاندىيەدىن پاناھلىق تىلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

خەۋپسىزلىك تارماقلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، گوللاندىيەدە 2004-يىلى ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ھەرىكەتتە قولغا چۈشكەن ئەرجان پولاتەر گوللاندىيە ھۆكۈمىتىدىن پاناھلىق تىلىگەن. نەتىجىدە ئۇنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئۇ بارغان باشقا دۆلەتلەردە تۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما گوللاندىيەنىڭ بەرگەن پاناھلىقى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن.

ئەرجان پولاتەر2012-يىلى 16-ئىيۇل تۈركىيەنىڭ تەلىپى بىلەن بۇلغارىيەدە تۇتۇلغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىمۇ گوللاندىيەنىڭ بەرگەن پاناھلىقى سەۋەبلىك قويۇپ بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر