تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا ئېغىر زەربە بېرىلدى
نېگىرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورلۇق تەشكلاتى بوكو ھارامغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە 1 پۇقرا ئۆلۈپ، 11 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېگىرىيە ئارمىيەسى مۇئاۋىن باياناتچىسى ئادو ئىسا، ئاداماۋا ئۆلكىسىگە قاراشلىق ماداگالى رايونىدا بوكو ھارامغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھەربىي ھەرىكەتتە 11 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى، نۇرغۇن تەشكىلات ئەزاسىنىڭ يارىدار بولۈپ قاچقانلىقى ۋە تەشكىلاتقا تەۋە قورال - ياراغلارنىڭ قولغا چۈشۈرلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
ئادو ئىسا ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا بىر پۇقرانىڭمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 1 ئەسكەرنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يارىدار بولغان ئەسكەرنىڭ بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
نېگىرىيەدە 2000 – يىللىرىنىڭ بېشىدىن بۇيان پائالىيەت قىلىشقا باشلىغان تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام 2009 – يىلىدىن ئېتىبارەن ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا، 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام 2015 – يىلىدىن بېرى نېگىرىيەنىڭ خوشنىسى كامېرون، چاد ۋە نېگىردىمۇ ھۇجۇم قىلىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.
بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكلاتىنىڭ چاد ھاۋزىسىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدىلا 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
بوكو ھارامنىڭ سابىق باياناتچىسى ئەبۇ مۇسئەب ئەل راناۋىنىڭ 2016 - يىلىدىن باشلاپ تەشكىلاتنىڭ يېڭى رەھبىرى بولغانلىقى، بىراق 2009 يىلدىن بېرى تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى بولۇپ كەلگەن ئەبۇ بەكىر شېكۇ بىلەن ئەبۇ بەكرى بارناۋى ئوتتۇرىسىدا تەشكىلات ئىچى ئىختىلاپ چىقىپ، بۆلۈنۈشكە سەۋەب بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.