پېنس رۇسىيەنى غەرب ئىتتىپاقىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس، رۇسىيەنى غەرب ئىتتىپاقىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مايك پېنس ۋارشاۋادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى جەريانىدا پولشا پىرېزىدېنتى ئاندرزېج دۇدا بىلەن كۆرۈشتى.
پېنس ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «موسكۋا، ئىتتىپاقىمىزنى پارچىلاشقا ئۇرۇنماقتا؛ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپاسلىرى بىلەن، يېڭى يادرو قوراللىرى بىلەن، ياۋروپادا ۋە دۇنيا مىقياسىدا سايلاملارغا مۇداخىلە قىلىش ئارقىلىق...» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ئۇ، پولشانىڭ رۇسىيەدىن ئەنسىرىشىنىڭ ئورۇنلۇق سەۋەبلىرى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، «نۆۋەتتە پولشاغا نىسبەتەن ھېچبىر تەھدىت شەرقتىكى قوشنىسىنىڭ ھۇجۇمچىلىقى تۈپەيلى ئوتتۇرىغا چىققۇسى بىر تەھدىتتىن ئېغىر ئەمەس» دېدى.
پېنسنىڭ زىيارىتى، پولشانىڭ يۈز بەرگۈسى رۇس تەھدىتىگە قارشى ئامېرىكىدىن مەڭگۈلۈك بىر ھەربىي بازا قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بىر دەۋرگە توغرا كەلدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، 1 – فېۋرالدا رۇسىيەگە كېلىشىم شەرتلىرىگە بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلغان بەرگەن مۇددەتتىن توشۇشىدىن كېيىن سوغۇق ئۇرۇشتىن بۇيان يادرو قوراللىرىنىڭ تەكشۈرۈشنىڭ نېگىزىنى تەشكىل قىلىپ كېلىۋاتقان ئوتتۇرا مۇساپىلىك يادرو قوراللىرى كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققانقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.