سۈرىيەدە تۇتقۇنلار بىرلا ۋاقىتتا قويۇپ بېرىلدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ھەربىي ئۆكتىچىلەر 20 دىن تۇتقۇننى «ئاستانا باسقۇچى» دائىرىسىدە بىرلا ۋاقىتتا قويۇپ بەردى.

1144655
سۈرىيەدە تۇتقۇنلار بىرلا ۋاقىتتا قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدا 14 – فېۋرال كۈنى سوچىدا چاقىرىلىدىغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ھارپىسىدا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ھەربىي ئۆكتىچىلەر، تۈركىيە ۋە رۇسىيەنىڭ كاپالەتچىلىكىدە، باب ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدا، ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدىكى ئەبۇ زىندىن رايونىدا ئۆزئارا 20 دىن تۇتقۇننى قويۇپ بەردى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى 20 ئەر كىشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆكتىچىلەرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن 20 ئەر كىشى بىلەن ئىككى بالىنى قويۇپ بەردى.

«ئاستانا كېلىشىملىرى» گە ئاساسەن قۇرۇلغان «تۇتقۇن قىلىنغانلار خىزمەت گۇرۇپپىسى» نىڭ تۇتقۇن ئالماشتۇرۇشى توغرۇلۇق، 30 – 31 – ئىيۇل سوچىدا چاقىرىلغان 10 – نۆۋەتلىك كاپالەتچى دۆلەتلەر يىغىنىدا قارار ماقۇللانغانىدى.

تۇنجى قېتىملىق تۇتقۇن ئالماشتۇرۇش 2018 – يىلى 24 – نويابىر كۈنى ئىشقا ئاشۇرۇلغان، ھەر ئىككى تەرەپ 10 دىن تۇتقۇننى قويۇپ بەرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تۈرمىلىرىدە كەم دېگەندە 500 مىڭ تۇتقۇن بار بولۇپ، بۇ قېتىمقى تۇتقۇن ئالماشتۇرۇش، تۈركىيەنىڭ ئىنسانىي دىپلوماتىك پائالىيىتى دائىرىسىدە تاشلىغان قەدەملىرى نەتىجىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر