رۇسىيە ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىنى توختىتىدۇ

رۇسىيە تور تەھدىتلىرى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققۇسى خىرىسلارنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن خەلقئارالىق ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىنى بىر مۇددەت توختىتىشنى پىلانلىماقتا.

1143983
رۇسىيە ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىنى توختىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ «‹ RBK › خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ رەسمىي دائىرىلەرنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، موسكۋا رۇسىيەگە ئىنتېرنېت ئارقىلىق يۈزلەنگۈسى يەر شارى خاراكتېرلىك تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە بىرقاتار تەدبىرلەرنى ئالىدىكەن.

بۇ تەدبىرلەرنىڭ دائىرىسىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن بىر قىسىم سىناق تەدبىرلەر ئېلىنىدىغان بولۇپ، بۇلاردىن بىرى رۇسىيەنىڭ خەلقئارالىق ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىنى توختىتىشى ئىكەن.

سىناق تەدبىرلەر دائىرىسىدە رۇسىيە پۇقرالىرى ۋە دۆلەت ئورۇنلىرى ئوتتۇرىسىدا ئورتاقلىشىلىدىغان مەلۇماتلار، خەلقئارالىق ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىگە داخىل قىلىنمايدىكەن.

بۇ ئارقىلىق رۇسىيەدە ئىنتېرنېت خەلقئارالىق ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەردىن مۇستەقىل ھالدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان قىلىپ،  بۇنىڭدىن،يۈز بەرگۈسى تور ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش نىشان قىلىنىدىكەن.

لېكىن، بەزى مۇتەخەسسىسلەر، رۇسىيەنىڭ بۇ پىلانى ئەمەلگە ئاشقان تەقدىردە، دۆلەتتىكى ئىنتېرنېت چەكلىمىسىنىڭ، خىتايدىكىگە ئوخشاشلا پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا ئومۇملىشىپ قېلىش خەۋپىنىڭ بارلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكتە ئىكەن.

رۇسىيە ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىنى مىللىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تەخمىنەن 20 مىليارد رۇبلىلىق مەبلەغ ئاجراتقان بولۇپ،  1 – ئاپرېلدىن ئېتىبارەن  ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىنى توختىتىپ سىناق تەدبىرلەرنى ئېلىشقا باشلاشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر